3-ئاينىڭ 27-كۈنى كورېيە گيۇڭگى ناھىيەسىنىڭ پاجۇ شەھىرىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پىدائىيلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدا، كورېيە ئەسكەرلىرى سۆڭەكلەر قاچىلانغان ئۈكەكلەرنى ماشىنا سالماقتا. شۇ كۈنى كورېيە ئەسكەرلىرى پاجۇ شەھىرىدە ساقلانغان 437 نەپەر پىدائىينىڭ قالدۇق سۆڭىكى قاچىلانغان ئۈكەكلەرنى ئىنچون ئايروپورتىغا يۆتكىدى، جۇڭگو بىلەن كورېيە شۇ جاي ۋاقتى 28-مارت سەھەر سائەت 7 دە كورېيەنىڭ ئىنچون ئايروپورتىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ چىلىن فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى