- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
2014.03.08 00:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
بۇلتۇر كۇچا ناھىيەسى 41 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ، تەجرىبە سايمانلىرى، كىتاپ-ماتېرىيال، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ئاپتونوم رايوندىن تارقاتقان «سىنىپلارنى راۋانلاشتۇرۇش» ئەسلىھەسىدىن 474 يۈرۈش، 15 مەكتەپكە تەنتەربىيە ئەسلىھەسى، كومپىيوتېر ئۆيى ئەسلىھەسى ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە قورالى سەپلەپ بەردى. يېزا-بازارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 463 يۈرۈش يىراق مۇساپىلىق «سىنىپلارنى راۋانلاشتۇرۇش» ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى؛ شەھەر رايونىدىكى 7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يېزىدىكى 5 مەكتەپنىڭ كومپىيوتېر ئوقۇتۇش ئۆيىنىڭ سىستېمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. 18 مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇنىڭ بىلەن ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق-يۇمشاق دېتاللىرى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ياخشى ئاساس سېلىندى. (كۇچا خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن : نۇرىمانگۈل داۋۇت، تاھىر ھىمىت)
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر