- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇۋەجەر ئابلا:يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك
2014.03.10 18:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەزا بۇۋەجەر ئابلا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» رايون ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرىنى بۇ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا تېزراق ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يىپەك يولىنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشتەك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئالدى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئۇ بىر قانچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-ئېلىمىز ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكار، ئەمەلىي بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن پائال ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. 2- كونكىرىت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ 3-ساياھەت تەرەققىياتى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ 4-مەدەنىيەت كەسپى ھەمكارلىقى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ 5-نەشرىيات ۋە تاراتقۇ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر