باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2014.03.09 18:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق يىغىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ چېن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى شۇنداقلا قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان ئورىگىنالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر