باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى تەكشۈرۈشكە خادىم ئەۋەتتى

2014.03.10 17:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت تىرانسىپورت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي رايون ۋاقتى 8-مارت كەچتە مۇنۇلارنى جاكارلىدى:ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى شۇ كۈنى كەچتە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاسىياغا يۈرۈپ كەتتى. ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئورنى جەزملەشتۈرۈلگەن ھامان، خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى ئالاقىدار قانۇن بويىچە قايسى ئورۇن تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى جەىملەشتۈرۈدۇ.ھەمدە يېتەكچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئاخىرىدا ئېلان قىلىدۇ. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىدىكى قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىمىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەن. قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە بىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈش خادىمى ئەۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر