باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2014.03.10 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

  جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

  لى كېچياڭ ئالاقىدار قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا تەستىق سالدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – مارت تېلېگراممىسى. 8 – مارت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 0دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹بوئېئىڭ 777›› بەلگىلىك MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى مالايسىيانىڭ كۇئالالومپۇردىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئايروپىلاندا 150 نەچچە جۇڭگولۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 239 يولۇچى بار ئىدى. سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدىن تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى، قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پائال ماسلىشىشىنى ھەم پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا تەستىق سېلىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن مالايسىيا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىزدەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئايروپىلاندىكى جۇڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، چەت ئەل تەرەپ بىلەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  8 – مارت چۈشتىن كېيىن لى كېچياڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىب بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن سەھەردە مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئايروپىلانىدا 154 جۇڭگولۇق يولۇچى بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئايروپىلاندىكى جۇڭگولۇق يولۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 239 كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدۇق ھەم كەسپىي قۇتقۇزۇش پاراخوتى ۋە دېڭىز ساقچىسى پاراخوتىنى ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىزدەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتۇق.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ۋاقىت ھاياتلىق دېمەكتۇر، بۇ جانغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ھازىرقى جىددىي ئىش ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئىزدەش، قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. مالايسىيا بىلەن ۋيېتنام قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تېزدىن تېپىپ، قۇتقۇزۇشتىكى ئالتۇن پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، مەنمۇ سىز بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى خالايمەن.

  ناجىب ئالدى بىلەن مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسى توغرىسىدا جۇڭگودىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، جۇڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مالايسىيا ھازىر ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى تېزدىن بېكىتىپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرماقتا ھەم خىزمەت گۇرۇپپىسىنى بېيجىڭغا ئالاقىدار ئىشلارنى ھەمكارلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى، جۇڭگو بىلەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا داۋاملىق زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايمىز.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە جۇڭگونىڭ مالايسىيا، ۋيېتنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر