باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قانغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، جىددي ئىشلار ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2014.03.09 18:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 8-مارت سائەت 0 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ جەمئىي 239 نەپەر يولۇچى(بۇنىڭ ئىچىدىكى 150 نەپەر يولۇچى جۇڭگولۇق) ئولتۇرغان بوئىن 777 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى مالايسىيا كۇئالا لۇمپۇر شەھىرىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان. سائەت بىردىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئايروپىلاننىڭ ھازىرقى ئورنىدىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزدىن ۋە چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىمىزدىن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشنى، قۇتقۇزۇشقا دائىر ئىشلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. قاتناش-ترانسپورت مىنىستىرلىكى، ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مىخانېزمىنى ئىشقا سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى پائال ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەشنى ھەم خەلق ئاۋىئاتسىيەسىگە دائىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ قۇتقۇزۇش-بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە دائىر يوليۇرۇق بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە ئورنى بىلەن ئالاقىنى، ئىزدەشنى كۈچەيتىپ، ئايروپىلاندىكى جۇڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى تېز بىلىشنى، سىرتقى ئورۇنلار بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بولغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر