باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرىمنىڭ تەقدىرىنى خەلق قارار قىلىشقا ھەر قايسى تەرەپلەر ئىنكاس قايتۇردىرۇسىيە ۋە ياۋروپا-ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىشى كۈچەيدى

2014.03.08 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-مارت، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامىنت تۆۋەن پالاتاسى)نىڭ رەئىسى سېرگىي نارېشكىن ۋە رۇسىيە فېدىراتسىيە كومىتېتى(پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى)نىڭ رەئىسى ۋالېنتىنا ماتۋىيېنكو موسكىۋادا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇكرائىنا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى كونىستانتىنوۋ باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. نارېشكىن ۋە ماتۋىيېنكو بىردەك، رۇسىيە قىرىم پارلامىنتىنىڭ رۇسىيە فېدىراتسىيىسىگە قوشۇلۇشىنى ۋە بۇنى پۈتۈن خەلقنىڭ قارا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، رۇسىيە قىرىم خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، دەپ بىلدۈردى.

  ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقى ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى تۇرچىنوۋ 7-چېسلا بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 6-چىسلا پۈتۈن خەلق ئاۋاز بېرىش ھەققىدىكى قارارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇيرۇقتا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى چىقارغان قارارنىڭ ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىدىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 6-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، قىرىمدا پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان پۈتۈن خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسىگە ئائىت ھەر قانداق مۇزاكىرە چوقۇم ئۇكرائىنانىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك دىدى. ئوباما يەنە: ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىرىمغا قول تىققان ھەر قانداق شەخىس ۋە گۇرۇھنى جازالايدىغانلىقىنى، بۇ جازانىڭ ئۇلارغا چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسى بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تەكلىپكە بىنائەن 6-چېسلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى قارىمۇ-قارشى بولدى. ئوباما سۆھبەت داۋامىدا رۇسىيە ۋە ئوكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاستە سۆھبەتلىشىشىنى ۋە خەلقئارالىق كۆزەتچىلەرنى ئوكرائىناغا ئەۋەتىپ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدى. پۇتىن جاۋاب قايتۇرۇپ، رۇسىيە قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشىغا قول قوشتۇرۇپ تۇرالمايدۇ، قىرىم ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدىكى رۇسىيەنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، دېدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى 6-چېسلا جىددى يىغىن چاقىرىپ، ئوكرائىنا بىلەن تۈزگەن ئالاقىلاشقۇچى دۆلەت كىلىشىمىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. يىغىندىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان يانۇكوۋىچ قاتارلىق 18كىشىنى جازالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق مال-مۈلكىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ كىشىلەرنى ئوكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن دېدى. ئەمما بۇ يىغىندا رۇسىيەنى جازالاش ھەققىدە ئەمەلىي لايىھە چىقىرىلمىدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رومپېي قىرىمدا پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پۈتۈن خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر