باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك

2014.03.10 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئ

  ىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك

  ياۋ تۇڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 7 – مارت چۈشتىن بۇرۇن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىللە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆتنى تونۇش››نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  بۈگۈنكى ئومۇمىي يىغىن خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىق رەھبەرلەر ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى.

  نۇر بەكرى، چې جۈن، گۈلنۇر مەمەت، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، مۇتەللىپ ئوبۇل، ياڭ چىن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ جيەن، رەيھانگۈل ئىمىر قاتارلىق ۋەكىللەر مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش، ئالاقە تورىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق زەربە بېرىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتلەردە تەكلىپ بەردى.

  يۈ جېڭشېڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىپتۇ، مالىيە كىرىمى بىر قاتلىنىپتۇ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار بىر ھەسسە ئېشىپتۇ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئىككى ھەسسە كۆپىيىپتۇ؛ شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىپتۇ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى مىسلىسىز بوپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلىپتۇ؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەۋپ ئېڭى، خىزمەت سالمىقى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلىپتۇ، دېدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆتنى تونۇش››نى كۈچەيتىش لازىم. زوراۋان – تېررورچىرلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى زور كۈچ بىلەن ساقلاش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى قۇرۇلما مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يەرلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى بىلەن ماسلاشقان كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش؛ بىڭتۈەن ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى چۆرىدەپ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش؛ بايلىق ئېچىشتا يەرلىك ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش؛ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەدبىر قوللىنىپ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئارا سۆزلىشىش، بىرلىشىش، ئالاقىلىشىشنىڭ ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە غايەت زور ئىلھام. رەئىس يۈ جېڭشېڭ سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قۇيۇشنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنىڭ يەنىلا بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يەنىلا خىزمەتلەرنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئون جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش – گۈللەندۈرۈش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرىمىز.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 7 – مارت چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، 2013 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ئىجراسىنىڭ ئەھۋالى ۋە 2014 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2013 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت ئىجراسى ئەھۋالى ۋە 2014 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر