باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئۆسۈشى كېرەكمۇ ــ يوق؟ (ئىككى يىغىن تېمىسى)

2014.03.10 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەمۇرلارنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا مائاش قۇرۇلمىسى، رايون پەرقى ۋە ئاساسىي قاتلامغا ئېغىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  -مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خې شيەن

  مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى زور مىقداردا ئۆستۈرۈش كېرەك، چۈنكى "مەمۇرلارنىڭ مائاشى تۆۋەن".

  -مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى خې شياڭجيۇ

  مەمۇرلارغا كىرىمىدىن نەزەر سالساق "مائاشى يۇىرىلارغا يەتمىسىمۇ، تۆۋەنلەرنىڭكىدىن يەنىلا كۆپ"، بۇلارنى خىزمەت مىقدارى، خىزمەت بېسىمى ۋە خىزمىتىنىڭ مۇقىملىقىغا سېلىشتۇرساق، مەمۇرلار يەنىلا رازى بولسا بولىدۇ. ئەگەر رازى بولمىسا، "جان باقماق تەسلىشىپ كەتتى" دەپ ئويلىسا، "جان باقماق" ئاسانراق خىزمەتتىن بىرسىگە ئالماشسا بولىدۇ، بۇ مەمۇرلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى ليۇ خوڭيۈ

  ھازىر قېلىشقا تىگىشلىك ئىش كىرىمنى قېلىپقا سېلىپ ياخشى تەقسىمات تەرتىپى شەكىللەندۈرۈش؛ قېلىپسىز كىرىمنى ئازايتىش بىلەن بىرگە، خىزمەت نەتىجىسى ۋە خىزمەت ستاژىنى ئاساس قىلىش، بۇ ئارقىلىق مەمۇرلارنىڭ كىرىمىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. -مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى چې فۇلىنمەمۇرلارنىڭ مائاشى ئاساسلىقى باج تاپشۇرغۇچىلار تاپشۇرغان باجدىن كىلىدۇ، شۇڭلاشقا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مەمۇرلارنىڭ مائاش ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى بار.

  ــ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چىن شىيەينەن

  مەمۇرلارنىڭ مائاش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش جەمئىيەتتىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنى تۈگىتىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا خىيانەتچىلىك ــ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىرىم ئادىللىقىغىمۇ پايدىلىق.

  ــ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دەي خەيروڭ

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر