- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كەلپىن ناھىيەسى 9 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خىراجىتى چىقىمىنى تېجەپ قالدى
2014.03.10 18:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەمىلە تۇرسۇن، غەيرەت جاسارەت خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەسى بۇلتۇر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ۋە مالىيە مۇپەتتىش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تۈر قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ساختىپەزلىكنىڭ ئالدىنى ئالدى.
بۇلتۇر كەلپىندە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەركەز، ئاپتونوم رايون مەبلەغ سالغان تۈرلەر ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر مەبلەغ سالغان 61 قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بايقالغان 29 مەسىلىنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزەتتى، مۇپەتتىش تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ، 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان 11 تۈرنىڭ خامچوتىنى نۇقتىلىق مۇپەتتىش قىلدى. نەتىجىدە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە 9 مىليون 350 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھۆكۈمەت چىقىمى تېجەپ قېلىندى.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر