خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەمىلە تۇرسۇن، غەيرەت جاسارەت خەۋىرى: تۇرمۇش شارائىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەلپىن ناھىيەسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارمۇ كۆپەيدى. نۆۋەتتە كەلپىن ناھىيەسىدە 90 دىن ئاشىدىغان ئۆمۈر چولپىنى 39 غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېشىنىڭ ئەڭ چوڭى كەلپىن ناھىيە چىلان يېزا بوستان كەنتىدىكى 110 ياشلىق ئۇزۇن ئۆمۈر چولپىنى ئايغان ئېلى.
سۈرەتتە: ئۆمۈر چولپىنى ئايخان ئېلى
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى