باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلپىندە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينىڭ كۆلىمى زورايدى

2014.03.10 18:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەمىلە تۇرسۇن، غەيرەت جاسارەت خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەسىدە بۇلتۇردىن بۇ يىل24-فېۋرالغىچە 70 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆي سېلىش ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈر قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 696 ئائىلىنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، كەلپىن ناھىيەسى 2007-يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ كاپالەت خارەكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي سېلىشقا دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، جەمئىي 270 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان ئەرزان، قولايلىق ۋە ئوبوروت خارەكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆيدىن 1721 يۈرۈشنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 8000 دىن كۆپرەك ئادەم نەپكە ئېرىشكەن. بۇيىل بۇ جەھەتتىكى خىزمەت سالمىقىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ،كاپالەت خارەكتېرلىك ئۆيدىن 523 يۈرۈش، ئەمىن ئۆيدىن 1000 يۈرۈش سېلىشنى پىلانلىغان.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر