خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 9-مارت، تايلاندنىڭ پۇكېت ئارىلىدا، ئىتالىيەلىك ئەر لۇيگى مارالدى تايلاند ساقچى تەرەپ ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ھازىرقى پاسپورتىنى كۆرسەتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پاسپورتى 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تايلاندتا ئوغرىلانغان، ئۇ ئىتالىيەگە قايتىپ قايتىدىن پاسپورت بېجىرگەندىن كېيىن تايلاندقا قايتىپ كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئوغرىلانغان پاسپورتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىققانلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى