- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى
2014.03.11 18:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-چېسلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ــ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇلتۇر مەن زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، بىر قاتار مۇھىم تۇنۇشلارغا كېلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا تۈپ مەنپەئەتكە ھۆرمەت قىلىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆز ئارا سۆھبەتلىشىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن پات ئارىدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن يەنە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، رەپىقىڭىز مېچىل خانىمنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر