ئاۋسترالىيە دېڭىز ئىشلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بايقىدى، ئەمما بۇ نەرسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىزلىكىنى ئېنىق جەزملەشكە يەنە بىر قانچە كۈن كېتىشى مۇمكىن. ھازىر گۇمانلىق نەرسە بايقالغان دېڭىز ساھىلىغا ئەۋەتىلگەن ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانى قايتىپ كەلدى، كۆرۈش دەرىجىسى ناچار بولغانلىقتىن، ئايروپىلان ھېچقانداق نەرسىنى بايقىيالمىدى. جۇڭگو ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىدىغانلىقى، ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لىياڭ ياڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىزدەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى تۈنۈگۈن دەرھال ئاختۇرۇش پىلانىنى تەڭشەپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش پاراخوتىنى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقى دەپ گۇمان قىلىنغان نەرسىلەر بايقالغان دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئىزدەشكە تەشكىللىدى. دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ پىرىز پورتىغا توختىتىپ قويۇلغان ئېلىمىزنىڭ «قار ئەجدىھاسى» ناملىق قۇتۇپ تەكشۈرۈش پاراخوتى تولۇق تەييارلىنىپ بولغان، بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالسىلا ئالدى بىلەن گۇمانلىق نەرسە بايقالغان دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئاختۇرۇشنى باشلايدىكەن.
http://pic.people.com.cn/n/2014/0320/c1016-24690767.html