باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››15–مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

2014.03.19 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: 15 – مارت 32 – قېتىملىق خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنىدە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  ئۇقۇشۇمچە، 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› ئەسلىدىكى قانۇندا بىرقىسىم قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك بولۇشى، ھوقۇق – مەنپەئىتنى قوغداش يولىنىڭ راۋان بولماسلىقى، تەننەرخنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئىستېمالچىلارجەمئىيىتى خىزمىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە جازالاش سالمىقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئائىت يېڭىدىن 11 تۈر كىرگۈزۈلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەدئىمىن فېردەۋىس مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بۇ يىلقى ‹‹يېڭى ئىستېمال قانۇنى، يېڭى ھوقۇق – مەنپەئەت، يېڭى مەسئۇلىيەت›› تىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەت قوغداش تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل، ھەققانىي، سەمىمىي، ئىناق بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى يەنىمۇ مۇكەممەل كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 15 – مارت كۈنى ‹‹شىنجاڭ 315›› ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈندىدار سۇپىسى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر