باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز»

2014.03.21 18:31   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

«زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز»

  بىر پەيلاسوپ: «دۆلەتنى كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغىنى مەدەنىيەت» دېگەنىدى. تارىخ ۋە رېئاللىق مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكرار ئىسپاتلىدى. شىنجاڭدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارار ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بېيىشقا، زامانىۋىلىشىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قانداق قىلغاندا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» غا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ۋەكىل ۋە ئەزالار 5 ـ مارت بۇ تېما توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

  زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك

  ئەزا، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ش ئۇ ئا ر كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: زامانىۋى مەدەنىيەت ئورتاق ئېتىقادنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللاش كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە. تارىخ ۋە رېئاللىق مەدەنىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكرار ئىسپاتلىدى.

  زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئىدىيەسى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ئىدىيە. نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش مەدەنىيەت ئارقىلىق، مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەس، ئۇ زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە يېتەكچىلىك قىلىشنى، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى بىلىش ۋە مەدەنىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئېيتقاندەك، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى باشتىن ـ ئاخىر ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ ئاساسى، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەنىسى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا زامانىۋى مەدەنىيەتنى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

  مائارىپ خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: مائارىپ، مەدەنىيەت ياكى باشقا ساھەلەردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇتەئەسسىپ، قالاق ئىدىيەۋى كۆز قاراشلىرى ۋە ئىش قىلىش شەكلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، زامانىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلسا ۋە ئۆگەنسە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىز تەشۋىقات، يېتەكلەش، مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، مەخسۇس مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلىشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تىرىشىمىز، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىخ تارتقۇزۇشىمىز كېرەك.

  زامانىۋى مەدەنىيەتنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

  قانداق قىلغاندا زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگىلى بولىدۇ؟ نيۇ رۇجى مۇنداق قارىدى: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  گۈلنۇر مەمەت بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن 3 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى توغرىسىدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل بايرىمىدىكى نومۇرلار بەك ئېسىل ئىكەن، ئۇسسۇللارنىڭ گۈزەللىكى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپەيدى، بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇردى. نيۇ رۇجى مۇنداق قارىدى: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا مەدەنىيەت بازىرى بىلەن مەدەنىيەت يۆنىلىشى، مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن مەدەنىيەت كەسپى، مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى قىممىتى ۋە ماددىي ئاساسى بىلەن تارقىلىش شەكلىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش، ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق پىكىر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئاممىنى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىگە ئۆتۈشىگە يېتەكلەش كېرەك؛ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەش، مودا كىيىم ـ كېچەكلەر، ئسىتېمال بۇيۇملىرى، لېكسىيە، تەنتەربىيە، ئويۇن قويۇش، كۆڭۈل ئېچىش، يىغىن، كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھىيە، يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت قوشۇنى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈش، ئېسىل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك . شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك

  بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك بولۇش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئەۋزەللىكى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك .

  ۋەكىل، «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى توپلاشقان جاي، ھەر بىر ئادەم باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى، ئېسىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك، بىرىككەن، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى، شىنجاڭنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇشى، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  يېقىنقى نەچچە يىلدا ئادىل ھوشۇر ئاممىۋى سورۇنلاردا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشنى تىرىشىپ تەشۋىق قىلدى ھەمدە زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭچە روھنى كۈچەپ جارى قىلدۇردى.

  ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: بىزدەك مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى دۇنيا سەھنىسىدە مەدەنىيىتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى دۇنيا سەھنىسىدە جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بايلىقلىرى كۆپ رايوندىن مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى چوڭ رايونغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنىڭ ئۈزلۈكسىز نەتىجە بېرىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا، شىنجاڭدا مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا جانلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…