باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2014.03.20 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مالايسىيانىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگو مالايسىيا بىلەن سۈنئىي ھەمرا سان سېفىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا قوشۇلدى، ئەگەر قايسى بىر دۆلەت جۇڭگونىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولسا، ئوتتۇرىغا قويسىلا جۇڭگو ئۇنى پائال قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دىپلوماتىيە يولى بىلەن شىمالىي قىسىم كارىدوردىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى، بۇ دۆلەتلەرنى مالايسىيانىڭ بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق چوڭ قۇتقۇزۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يىپ ئۇچى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئاختۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېقىندىن ماسلىشىشقا دەۋەت قىلدى. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىردەك بۇنىڭغا پائال ماسلىشىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر