باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: قىرىم مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.03.20 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشتەك ئىزچىل مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە ھەر قايسى تەرەپنىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، قىرىم مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  خۇڭ لېي قىرىمنىڭ رۇسىيە فىدىراتسىيەسىگە كىرىش شەرتنامىسى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ مەسىلىدە قانۇن ۋە تەرتىپ رامكىسى ئىچىدە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىجادىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر