باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قېرىلىشىش ياپونىيەنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى(1)

2014.03.20 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپى ئىگىلەيدىغان نىسبەت %7 تىن ئاشسا قېرىلاشقان جەمئىيەت دەپ ئاتىلىدۇ، %21 تىن ئاشسا ھەددىدىن تاشقىرى قېرىلاشقان جەمئىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئېتىزلاردا يالغۇز ئەمگەك قىلىۋاتقان ياشانغانلار، شەھەرلەردە زىچ جايلاشقان بىنالاردىكى ياشانغانلار تۇرالغۇسى، تاللا بازىرىدىكى مال جازىسىغا تىزىلغان ياشانغانلار بۇيۇملىرى مانا بۇلار ياپونىيە جەمئىيىتىدە قېرىلىشىشنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  قېرىلىشىش ياپونىيەگە كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. بىرىنچىدىن، ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان رېئال مەسىلىگە ئايلاندى. مۇتەخەسسلەرنىڭ قارىشىچە، ياش نوپۇسنىڭ ئازىيىشى ۋە ياشانغان نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ياپونىيەنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تەسىر قىلىپ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرىتىنى توسقان. ئىككىنچىدىن، ياپونىيەدە قېرىلىشىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن، ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلى، داۋالاش، پاراۋانلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا بىر يۈرۈش تەسىر كۆرسەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەدە 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغان نوپۇس ئاساس قىلىنغان ياشانغان ئائىلە تېز كۆپەيدى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ياشانغانلار بولۇپمۇ ئۇزۇن يىل يېتىپ قالغان ياشانغانلارنى بېقىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يۈكى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. ياپونچىدا «يالغۇز ئۆلۈش» دېگەن بىر سۆز بار، بۇ يالغۇز قالغان ياشانغانلارنىڭ سىرتتىكىلەر ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا يالغۇز ئۆلۈپ قېلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياپونىيەدە ھەر 4 ياشانغان كىشى ئىچىدە 1 سىنىڭ قارايدىغان ئادىمى يوق بولۇپ، ئۈن تىنسىز ئالەمدىن ئۆتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەدە ياشانغانلار توپىدا باي كەمبەغەللىك پەرقى زور بولۇپ، بۇ ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلى جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى داۋالاش ۋە بېقىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىپادىلىنىدىكەن. بارغانسېرى كۆپ ياپونىيەلىك ياشانغاندا باقىدىغان ئادىمى يوق بولۇشتىن ئەنسىرىمەكتە، بانكىغا ئامانەت پۇل قويۇپ ياشانغاندا كۈتىنىش كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي تاللىشىغا ئايلانغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر