باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(1)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋەكىللەر: ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  1. 2013-يىللىق خىزمەت ئەسلىمىسى ئۆتكەن بىر يىل — مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىرىنچى يىل، ۋەزىپە مۈشكۈل ۋە ئېغىر. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى قىيىنلىشىپ قالغان، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىۋاتقان، قاتمۇقات زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خىرىسقا بىمالال تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى تىرىشىپ يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي كۆزلىمە نىشانىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى، ئىسلاھات ــ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى.

  — ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق داۋامىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 56 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى. ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %2.6 تە تىزگىنلەندى. شەھەربازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتى %4.1، شەھەربازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئىمپورتئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ، يەنە يېڭى پەللىگە چىقتى. — ئاھالە كىرىمـى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئىزچىل ئاشتـى. شەھەر ــ بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشـى بېشىغـا توغـرا كېلىدىغان ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %7، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى %9.3 نەق ئاشتـى، يېزىلاردا 16 مىليون 500 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايـدى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىـڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كىچىكلىدى. كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسـى % 12.2 ئاشتـى. مالىيە كىرىمى %10.1 ئاشتى.

   — قۇرۇلما تەڭشەشتە ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلدى. ئاشلىق مەھسۇلاتـى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، «ئۇدا 10 يىل ئېشىش» ئىشقـا ئاشتـى. مۇلازىمەتچىلىكتە قوشۇلما قىممەت سالمىقى %46.1 كە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 2-كەسىپنىڭكىدىن ئېشىـپ كەتتـى. ئوتتۇرا ــ غەربىي رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىـڭ سالمىقـى داۋاملىق ئاشتـى، رايون تەرەققىياتىنىـڭ تەڭكەشلىكى كۈچەيدى. پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى %7.5 ئاشتى، مال توشۇش مىقـدارى %9.9 ئاشتـى، ئاساسىي ماددىـي بۇيۇملارنىـڭ مىقـدار كۆرسەتكۈچـى ئىقتىسادنىـڭ ئېشىشىغـا لايىقلاشتـى. — ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كەلدى. «خاسىيەتلىك كېمە-10» ئالەمنى كېزىپ چىقتى، «ئايپەرى-3» ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى، «ئەجدىھا» ناملىق چۆكمە پاراخوت سۇ ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ يەنە رېكورت ياراتتى، بۇ ھال جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىجادچان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۈتۈنلەي ئىقتىدارى، پاراسىتى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

  ئۆتكەن بىر يىلـدا قىيىنچىلىق مۆلچەردىكىدىن كۆپ، نەتىجە مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولـدى. ئىقتىسادىـي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەم سان جەھەتتە زورىيىپ، ھەم سۈپەت جەھەتتـە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇنىڭـدىن كېيىنكـى ئىشلار ئۈچۈن ئاساس سېلىـپ بەردى. بۇ بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلـەپ، ئۈزلۈكسىـز يېڭى شانلىـق نەتىجـە يارىتىشىمىـزغا ئىلھام بەرگۈسـى.

  بىر يىلدىن بۇيان، بىز خىزمەتنىڭ مۇقىملىق داۋامىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلما تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرو سىياسەتنىڭ تۇراقلىق، مىكرو سىياسەتنىڭ جانلىق، ئىجتىمائىي سىياسەتنىڭ ئاساس بولۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش پىكرى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ ھەم ھازىرغا پايدىلىق بولغان، ھەم كەلگۈسىگە تېخىمۇ مەنپەئەت بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇقىملىق داۋامىدا ئىش ئېلىپ بېرىپ، مۇقىملىق داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىق داۋامىدا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى باشلىۋالدۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر