باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئالامەتلەر بايقالمىدى

2014.03.20 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن 19-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئارمىيىمىزنىڭ بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرىغا تەسەللى بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى. دېڭىز ، ھاۋا ئارمىيىلىرى تۇنجى بولۇپ ئالاقىدار دېڭىزدا ئاختۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. مالايسىيا ئاختۇرۇش قۇتقۇزۇشتىكى يېڭى يىپ ئۇچىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئارمىيىمىز رادار،سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى دەرھال ئىشقا سېلىپ، قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىدار رايوننى تەكشۈرۈپ، ئېرىشكەن مەلۇماتلار بىلەن ئەسلىدىكى خاتىرە ماتېرىيالىنى تەھلىل قىلدى. ھازىرغىچە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ھېچ قانداق ئالامەتلەر بايقالمىدى. كېيىنكى باسقۇچتا بىز مالايسىيا تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئاختۇرۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ،ئاختۇرۇش قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، ئاختۇرۇش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قانات يايدۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر