باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان سايلىمىدىن ئىلگىرى ۋەزىيەت جىددىيلەشتى(1)

2014.03.20 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فارياپ ئۆلكىسىدە 18-مارت ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى، ئاز دېگەندە 17 كىشى قازا قىلدى، 26 كىشى يارىلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە تالىبان، بازا تەشكىلاتى ۋە باشقا قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ تەھدىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان تاراتقۇلىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان پىرزىدېنت سايلىمىغا ئۈچ ھەپتىدەك ۋاقىت قالدى، يېقىنقى مەزگىلدە ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە، بۇ سىرتتىكىلەرنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنداقلا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  سايلامنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، دىققەت قىلىنىۋاتقان ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ « قوش تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى» يەنىلا ھەل بولمىدى، ھەتتا بۇ بىرىنچى چوڭ ئۆزگىرىش دەپ ئاتالدى. بۇ كېلىشىم شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقىنى بەلگىلەيدۇ. 2012-يىلى 11-ئايدا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت باشلانغاندىن بۇيان، ئافغانىستان پىرزىدېنتى كارزايى ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشنى رەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئافغانىستاننىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئافغانىستان ۋەزىيىتى مۇقىم بۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىمايمىز، دېدى. ئۇ ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئىز باسار تاللاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. 15-مارت كارزايى پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ سۆزى كىشىنى چۆچۈتتى، ئۇ: ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئافغانىستان چېكىنسە بولىدۇ، چۈنكى ئافغانىستان ئارمىيەسى %93 زېمىنى قوغداۋاتىدۇ ھەمدە بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كارزايىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى»دىكى قاتتىق پوزىتسىيىسىگە قارىتا، ئۇ ۋاشىنگتون بىلەن ئالاقە قىلغاندا باشتىن-ئاخىر كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ كەلدى، بۇ تالىباننىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۋەتتى، مۇستەقىل ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى كەم ئافغانىستان بىخەتەرلىق قىسمى زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بىراق ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆڭلىگە ئايانكى، «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى» ئىمزالانسا قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بۇلاتتى، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئارقىلىق، ئافغانىستان مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق، ئەتراپنى كۆزىتىش ۋە رايون تەسىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئەمما كارزايى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارزۇسىغا يېتىشىگە يول قويمىدى، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇمكىنچىلىقىنى ساقلاپ، ئامېرىكىنى ئافغانىستاننىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر قىلماقچى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر