باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربنىڭ جازاسى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

2014.03.19 17:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 17-مارت رۇسىيەنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ھازىرقى جازا تەدبىرلىرى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە چېتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىمال ئاشمايدىكەن ياكى بولمىسا چېكىنىدىكەن.

  قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئورنىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشى 16-مارت ئۆتكۈزۈلدى. ئېلان قىلىنغان ئىستاتسىتىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، رۇسىيەگە قۇشۇلۇشنى قوللايدىغانلار %96كە يەتكەن.

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 17-مارت رۇسىيەنىڭ 7 ئەمەلدارى ۋە ئۇكرائىنانىڭ 4 ئەمەلدارىغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەش ۋە ياۋروپادىكى بانكا ھېساۋات نومۇرىنى توڭلىتىش جازاسى بېرىشنى جاكارلىدى. جازالانغانلارنىڭ ئىچىدە رۇسيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئىككى مەسلىھەتچىسى، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى روگزىن، ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى يانۇكوۋىچ قاتارلىقلارمۇ بار.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 17-مارت شۇ كۈندىن باشلاپ «ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش»تىكى مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان 21 كىشىگە ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى مۈلۈكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازا يۈرگۈزۈشنى جاكارلىدى، ئەمما ئۇلار بۇ 21 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلمىدى.

  يۇقارقى جازالاش تەدبىرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نيۇيورك پاي بازىرى بىلەن موسكۋا پاي بازىرىدا پاي باھاسى ئۆستى، بۇ نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «جازا تەدبىرى ئانچە ئېغىر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىمايدۇ» دەپ ھېسابلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  شۇنداق بولسىمۇ تەھلىلچىلەر رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن ئانچە ئۈمىدلىنىش كېتىشكە بولمايدۇ دەپ ھېسابلىدى. رۇسىيە تاشقى سودا بانكىسى 2014-يىلدىكى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى نۆلگە چۈشۈردى. بۇ بانكىنىڭ تەھىلىلچىسى مۇنداق دېدى: ھەر خىل ئالامەتلەردىن رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر مۇقىمسىز ئامىللار داۋاملىق كۆپەيسە ياكى رۇسىيە تېخىمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرىسا ئىقتىساد چېكىنىشى مۇمكىن.

  دەرۋەقە، ۋىزا بېرىشنى چەكلەش ۋە مۈلۈكنى توڭلىتىش جازاسىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆرىسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ، بىراق، مەيلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بولسۇن ياكى ئامېرىكا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ ئېغىر جازا يۈرگۈزۈش مۇمكىنچلىكىنى قالدۇرۇپ قويدى، كېلەركى قەدەمدىكى جازا تەدبىرلىرى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمىكىن.

  بىرلەشمە ئىناۋەتلىك قەرز شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئىقتىسادشۇناسى ئېرىك نېلسىن مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىدىنلا ئاجىز، بۇ قېتىمقى جازا تەدبىرى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغاب بولسىمۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ئېغىر جازا تەدبىرى يولغا قويۇلسا، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى چوقۇم چېكىنىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، رۇسىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كەسكىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى. ئالدىنقى ھەپتىدە، چەتئەل بانكىلىرىنىڭ قولىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زايومى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، رۇسىيەدىكى بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار مۈلۈكىنىڭ توڭلىتىلىشىدىن ئەنسىرەپ بالدۇرلا «قاچقان». باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت بانكىسى جازادىن قورقۇپ غەرب ئەللىرىدىكى پۇللىرىنى يېقىندىن بېرى باشقا ياققا يۆتكىگەن.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «يېتەكچىلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز شىركىتى رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي شىركىتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشتىن ۋاز كەچكەندە قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى خېرىدارلىرى بىلەن تەبئىي گازنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ بېرىش توغرىسىدا مەسىلىھەتلىشىۋېتىپتۇ. رۇسىيەدە چىقىدىغان «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بولسا، رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىللېر ۋە رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لىدېرى سېچىننىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرىشى مۇمكىن، دېيىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈندىن-كۈنگە قويۇقلاشتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب غەربتىكى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيەگە مەبلەغ سالغان، غەرب ئەللىرىنىڭ شىركەتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  گېرمانىيە بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى ئېلىن راسكىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قىرىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىدە ھەر قايسى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق. بۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەگەر ھەر قايسى تەرەپ بىر-بىرىگە پىچاق كۆتۈرسە، بۇنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى 490 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ رۇبلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغان. لېكىن رۇسىيە كاپىتالىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ رۇسىيەدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ساپ مەبلىغى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەگەر بۇ داۋاملاشسا، بىرىنچى پەسىلدە رۇسىيە مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇ رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %3.2تىنى ئىگەللەيدۇ، شۇنداقلا بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنى چېكىندۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر