باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى جىددىي داۋاملاشماقتا(1)

2014.03.19 17:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى جىددىي داۋاملاشماقتا.

  مالايسىيانىڭ MH 370 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان، 150 دىن ئارتۇق جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ئىز دېرىكى ئېلىمىز كىشلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز ئەنسىرەيدىغان ئىشىغا ئايلاندى.

  ئايروپىلان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئايروپىلاننى ئىزدەشكە ئاتلاندى. شۇ كۈندىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ جىددى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش مىخانىزىمى ھەرىكەتكە كەلدى: دىپلوماتىيە، قاتناش، ئاۋىئاتسىيە، دېڭىز ساقچىسى، ساياھەت تارماقلىرى شۇنىڭدەك پايتەخت ئايرودىرومى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىمۇ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مىخانىزىمىنى تېزدىن باشلىدى. دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا تارماقلارمۇ مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش، ئىزدەش ھەرىكىتىگە ۋاقتىدا يىتەكچىلىك قىلدى.

  ۋاقىت ھاياتلىق دېمەكتۇر، ئىزدەش خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇشقا بولمايتتى. ھازىر ئايروپىلاننىڭ ئىز دېرىكىگە قارىتا ھەر خىل گەپ-سۆزلەر بار، لېكىن ئايروپىلاننىڭ ھازىرغىچە بىرەر ئىز دېرىكى بولمىدى، قۇتقۇزۇش، ئىزدەش نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى ۋەزىپلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىپ 15-مارت مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى شۇ كۈنى كەچتە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم چوڭ تەڭشەشنى، ئېلىمىزنىڭ ئىزدەش، قۇتقۇزۇش كۈچىنى ئازايتماسلىق، ئىزدەش نىشانىنى ئۆزگەرتىش، جۇڭگو دېڭىز ئۈسىتىدە ئىزدەش، قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئىزدەش، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر