- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مارتتىن باشلاپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ
2014.03.19 16:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مارتتىن باشلاپ 5–ئاپرېلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارىتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىچىملىك سۇ مۇھىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ . مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ۋاقىت بەلگىلىمەي ، ئالدىن خەۋەر قىلماي ، دوكلات ئاڭلىماي تۇيۇقسىز نەق مەيدانغا بېرىپ ، بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ، بىۋاسىتە ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت قانۇن ئىجرا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق مەخسۇس تەكشۈرۈشتە ئۈرۈمچى ، كۇيتۈن ، مايتاغ ، شىخو نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى ، ئېغىر مېتال بۇلغىمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق رايون قەشقەر ۋىلايىتى ، تۇرپان ۋىلايىتى ، مۇھىتى سەزگۈر رايون قىزىلسۇ ئوبلاستىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن .
مەخسۇس تەكشۈرۈشتە كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ، پولات–تۆمۈر ، سېمونت ، خىمىيە سانائىتى ، ئەينەك قاتارلىق ئاتموسفىرا بۇلغايدىغان كارخانىلاردىكى چاڭ–توزان تازىلاش ، گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش ، نىتراتسىزلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئاساسلىق تەكشۈرۈلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر