باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر-بازارلاردىكى نوپۇسقا ئېلىنمىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ

2014.03.19 17:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى ياڭ جىمىڭ 19-مارت مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ھازىر 269 مىليونغا يېتىدۇ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پىلانغا ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، باسقۇچقا بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەر-بازار نوپۇسىغا ئېلىش ئارقىلىق، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىش لازىم، نوپۇسقا ئېلىنمىغانلىرىنىمۇ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن تەدرىجىي بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  ياڭ جىمىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ھازىر 269 مىليونغا يېتىدۇ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت، كارخانا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئورتاق تېرىشىشى ئارقىلىق، ھازىرقى باسقۇچتا، ئېلىمىز كۆپ ساندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى زامانىۋى كەسىپنىڭ تېخنىك ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش ۋە شارائىتى، ئارزۇسى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساشنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

标记生成出错,请与管理员联系!
ئالاقىدار خەۋەرلەر