http://uyghur.people.com.cn/ 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەخسۇس تېمىسى
«خەلق تورى، شىنخۇا تورىنىڭ ھەممىسىدە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى نۇسخىسى بارمۇ؟»، «قانچە مىللەتنىڭ يېزىقى بار؟»، «ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى نۇسخىسى بارمۇ؟» 4-مارت چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەزالىرىنى يوقلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى ئې يىتەي ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئېنتېرنىت تورىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يۇقىرىدىكى بىر قانچە مەسىلىنى سورىدى. باش شۇجىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنىڭ توردا قوللىنىلىشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
شىنجاڭ ۋەكىللىرى ھەرىكەتتە
سەككىز يېرىم كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە ، شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق چوڭ تېمىلارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، جەمئىيەت ، مائارىپ ، دېھقانچىلىق–يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم ئىسلاھاتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆ‍ز ئىچىگە ئالغان 4 پارچە تەكلىپ ۋە 280 پارچە تەۋسىيە يوللىدى .   ۋەكىللەر بەس–بەستە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، يىغىن روھىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ ، گۈللەنگەن ، باي ، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىلەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇللا ئابباس (ئوتتۇرىدا) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات مۇزاكىرىسىدە قىلغاندا دۆلىتىمىزنىڭ بالىلار باغچىسى مائارىپى قۇرۇلۇشىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ياش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى ئازايتىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. (لۇ مىنيى خەۋىرى)

ھەلىمە بۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەكلىپ بەردى: 1. «بىر بەلباغدا بىر يول بولۇش ئىستىراتىگىيەسى»دە خەلق قەلبىنى مايىل قىلىش، يۇمشاق كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك.   2. قىزىل كرسىت جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، «بىر بەلباغدا بىر يول» ئىستىراتېگىيەسى قۇرۇلۇشىدا كونكرېت مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگو «قىزىل كرىست جەمئىيىتى»نى يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قوشۇن قىلىپ چىقىش. شۇڭلاشقا، جۇڭگو قىزىل كرىست جەمئىيىتىنى «بىر بەلباغدا بىر يول» بولۇش ئىستىراتىگىيەسى يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىدىكى يادرلۇق ئەزا ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ، «يىپەك يولى ئىقتىسادىي تۈگۈنى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندا، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ـ ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۈۋىھەجەر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي تۈگۈنىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى ئورۇنلاپ، يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئىمكانقەدەر يېپەك يولى ئىقتىسادىي تۈگۈنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ئاپپاراتىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭخۇا مىللەتلىرى
  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئاتاقلىق مىللەتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەت ۋە ئىنسانىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئەزا خاۋ شىيۈەن ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تۈزۈم خاراكتېرلىك كاپالىتى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.   ئەزا خاۋ شىيۈەن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپتۇ، مېنىڭچە تۈزۈمگە ئىشىنىش شۇنداقلا تۈزۈلگەن تۈزۈمنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.   خاۋ شىيۈەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي قىسىمنىڭ تەجرىبىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرقانداق رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن، ئاچقۇچلۇقى شۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىش كەلمەسلىكىدە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلار سىنىپى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش لازىم، ھازىر نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ بايلىقىنى ئىچىشقا كىردى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بايلىقنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرمىغانلىقتىن شۇ جايدىكى مىللەتلەردە خۇددىي بايلىقنى ئۇلار ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىسسيات پەيدا بولۇپ قالدى، ئەگەر يەرلىك مىللىي ئاممىنى بايلىقنى ئېچىشقا جەلپ قىلسا ئۇلار ئۇنداق دەپ قارىمايتتى.
دىنىي ساھە خەۋەرلىرى

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دىنىي سەھەدىن كەلگەن ئەزالىرى «جۇڭگو ئارزۇسى» «كۈنمىڭدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى» ۋە يېڭى دەۋىردىكى مەسچىت، بۇتخانا ئاممىۋىي مۇلازىمىتى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چىڭخەي ئۆلكىسى «تائار بۇتخانىسى» بۇتخانا باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى سەيچى.چۆجى لوجىجاسو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسى تېگىتەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلق ئاممىسنىڭ ئارزۇسى. ھەر ساھە كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، ياخشى سىياسەتلەر ئىزچىل داۋاملاشسىلا، كىشىلەر ئارزۇ قىلغان بەخىتلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا چوقۇم ئېرىشەلەيدۇ. دىنىي ساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا جۇڭگو ئارزۇسى پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىدىن ئىبارەت. ئۇ يېقىندا كۈنمىڭدا يۈزبەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئادەم ئۆلتۈرۈش ئېغىر گۇناھ. بۇ ئېلىمىزدىكى بارلىق دىنلار قارشى تۇرىدىغان جىنايى قىلمىش بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئىنسانىيەت قارشى تۇرىدىغان ۋە كۆرۈشنى خالىمايدىغان تىرادىگىيە.
سۆرەتلىك خەۋەرلەر
ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، كىشىلەر ماۋ شىنيۈنى «ماۋ ئەزا» دەپ ئاتاشنى بەكرەك ياقتۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغانلىقىدىن باشقا، ئۇنىڭ بوۋىسى ماۋ زېدوڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب ھاياتىدا ئامما تەرىپىدىن «ماۋ ئەزا» دەپ ئاتالغان. داھىينىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزا ماۋ شىنيۈ ئىنتايىن قارشى ئېلىندى، ئۇنىڭ چىقىشقاقلىقى كۆپچىلىككە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بەس ـ بەستە سۆز قىلىپ، ئىجادىي ئەقىل ـ تەدبىرلەر كۆرسەتتى.   مەنبە: خەلق تورى


نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ

eamil: uyghur@peopledaily.com.cn 010- 6536 8367/ 65
چوققىغا قايتىش