باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2014.03.19 16:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئەترەتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى ئۇچراتقان ، شۇڭا يېقىندا چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىكەنلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ .

  17–مارت ، تاڭ سەھەر 2:34 دە ، ئۈرۈمچى–كۇيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگە ماڭىدىغان يۆنىلىشىدە بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى جىددىي ئەھۋال ئاپتوموبىل يولىدا ئەسكەرتىش بەلگىسى قويماي ، ئەسكەرتىش چىرىغىمۇ ياندۇرۇلماي توختىتىلىپ ، شوپۇر ئاپتوموبىل ئىچىدە خاتىرجەم ئۇخلىغان .يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى سانجى چوڭ ئەترىتىدىكى قاتناش ساقچىسى بۇ شۇپۇرنى تەسلىكتە ئويغاتقان .شوپۇر فۇكاڭدىن چۆچەككە بارماقچى بولۇپ ، يولدا بەك ئۇيقۇسى كەلگەنلىكتىن ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان .

  يەنە بىر چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى بولسا ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ ئۇخلاپ قالغان . يەنە شۇ كۈنى سەھەر 5:00 لەردە ، ئۈرۈمچى–كۇيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىخەنزىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان يۆنىلىشىدە قاتناش ساقچىلىرى كاشىلا پەيدا بولغان ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن پىرېتسېپ بىلەن سۆرەپ مېڭىۋاتقاندا كەينىدىن بىر يۈك ئاپتوموبىلى كېلىپ سوقۇۋەتكەن . شوپۇر قاتناش ساقچىسىغا : ‹‹بەك چارچاپ كېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ›› دېگەن .

  مۇخبىرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، يىللاردىن بېرى بۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شوپۇر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي مۈگدىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانكەن . ساقچىلار سائەت 14:00 تىن 16:00 گىچە، سەھەر سائەت 2:00 دىن 7:00 بولغان ۋاقىتتىكى ئاسان ئۇيقۇ كېلىدىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر