- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش فوندى جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى
2014.03.19 16:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش فوندى جەمئىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلۇپ ، شىنجاڭ ياش–ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق خەير–ساخاۋەت ئىشلىرىغا يېڭى كۈچ قوشۇلدى .
17–مارت ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو تەبىئىي مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ تەبىئىي ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ مۇلىنسېن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى غەربىي شىمال چەكلىك شىركىتى ، خۇيجۇ لىڭيۈن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق گۇرۇھ ، كارخانىلار مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك فوندى جەمئىيەت .
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي تەشكىلات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ سەنيۈەن مۇنداق دېدى ، بۇ فوندى جەمئىيەتتە ‹‹ فوندى جەمئىيەت باشقۇرۇش نىزامى ›› دىكى تەلەپلەر بويىچە ، قانۇنىي ئىگە باشقۇرىدىغان باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ، ئۆز–ئۆزىنى چەكلەيدىغان ، ئۆز–ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ، ئۆز–ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يەككە قانۇنىي ئىگە بەرپا قىلىنىدۇ . جامائەت پاراۋانلىقى خەير–ساخاۋەت پائالىيىتىدە ئاشكارا بولۇش ، ئوچۇق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ، پاك–دىيانەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر