باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قېرىلىشىش ياپونىيەنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى(2)

2014.03.20 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قېرىلىشىش مەسىلىسىگە قارىتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كۆپ خىل سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى چىقاردى. 2000-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بېقىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ھۆكۈمەتكە ھەددىدىن زىيادە تايىنىشتەك ئەنئەنىنى ئۆزگەرتتى، ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە شەخس ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق، بېقىش تۈزۈمى جەمئىيەت پاراۋانلىق تۈزۈمىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىگە ئۆزگەردى. ھۆكۈمەت ئەل ئىچى كاپىتالى ۋە جەمئىيەت كۈچلىرىنى ياشانغاندا بېقىش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. «ياشانلانغانلار كۈندىلىك بېقىش مۇلازىمىتى مەركىزى»، «ئالاھىدە بېقىلىدىغان ياشانغانلار ئائىلىسى» قاتارلىق ئاپپاراتلار ياشانغانلار ئۈچۈن كۈتىنىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ. سالامەتلىكى ياخشى، خىزمەت قىلىش مەقسىتى بار ياشانغانلارغا قارىتا ھۆكۈمەت كارخانىلارنى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سائەتلىك ئىشچى ياكى توختاملىق ئىشچى قاتارلىق پۈتۈن كۈن ئىشلىمەيدىغان ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارنى قالدۇق كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  قېرىلىشىش جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 1-قېتىملىق «بوۋاقلار دولقۇنىدا» تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر كەينى كەينىدىن 65 ياشقا كىردى، ئۇلارنى ياشانغاندا باقىدىغان ئادىمى بولۇش، كېيىنكى ھاياتىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش نۆۋەتتە ياپونىيەدە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. پەرزەنتىنىڭ ئازىيىشى ۋە ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىنىڭ ئۇزىرىشى سەۋەبىدىن بۇندىن كېيىن ياپونىيەدە ياشانغان نوپۇس يەنىمۇ كۆپىيىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ياپونىيەدە قېرىلىشىش نىسبىتى 2035-يىلى %33.4 كە يېتىدىكەن، يەنى ھەر 3 كىشى ئىچىدە 1 كىشى ياشانغان كىشى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، قېرىلىشىش مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشىدا ۋەزىپە ئېغىر مەنزىل يىراق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر