باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2014.03.20 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»تىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىغان تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتى بېكىتىلدى، يېڭىدىن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بىنا، ساراي سالماسلىق تەلەپ قىلىنغان تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى 15 جەھەتتىكى 55 نۇقتىلىق ۋەزىپە بېكىتىلدى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى ئىدارىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىزىق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. 1-، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، بىرىكمە مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بازارغا كىرىشنى تەرتىپلىك قويۇپ بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە ماكرولۇق ئىقتىسادى ھەرىكەت ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2-، ئىقتىسادى ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىگە بولىشىنى تىرىپ ساقلاش. مۇرەككەپ ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخ ھالىتىدىكى، مايىللىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەك. 3-، سۈپەتنى، ئۈنۈمنى، دەرىجىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش. يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق ئاشلىقتىن مول-ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاش لازىم. پەن تېخنىكىدا ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاتموسفېرا ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشنى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. داۋالاش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئوبدان يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق نىشانلارنى ئورۇنلاپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىدىغان، تۆۋەن ئۆلچەمگە تەگمەيدىغان خەلق تۇرمۇشى بىخەتەر تورىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تارماقلار، ئورۇنلار مەۋقەنى ئومۇملۇققا قارىتىپ، ئىجادكارلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. 1-قول باشلىقلار ئومۇمىي مەسئۇلىيەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. باشلامچى تارماقلار يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم. ماسلاشقۇچى تارماقلار پائال ماسلىشىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم. ئاشكارا بولۇشنى كۈچەيتىپ، 3-تەرەپنى باھالاشقا كىرگۈزۈشى، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تارماقلار، ئورۇنلار ئىش تەقسىماتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن كونكرېت تەدبىرلەرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر