- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان 40 شەھەردىكى شەخسنىڭ تۇرالغۇ ئۇچۇرىنى تورلاشتۇردى
2014.03.20 15:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇئاۋىن تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى چى جى تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەتلىك يېڭىچە يېزا بازارلاشتۇرۇشنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان پىلانى» توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پۈتۈن جەمئىيەت شەھەر بازارلاردىكى شەخسنىڭ تۇرالغۇ ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلمەكتە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى 1- قاراردا نۇقتىلىق 40 شەھەردىن 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «ئۆز شەھىرىنىڭ سېفىرلاشقان شەخسى تۇرالغۇ ئۆي ئۇچۇر سېتىسمىسىنى» ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ 40 شەھەر بىلەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنى تورلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىز مەملىكەت بويىچە ئۆي مۈلۈك بازىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان 40 شەھەرنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر