سىچۈەن ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ 17-مارت دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيەسى غەربىي جەنۇب تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاپرېل، دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى چىڭدۇدىن غۇلجىغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقان چىڭدۇدىن شىنجاڭغا بىۋاستە قاتنايدىغان بەشىنچى لىنىيە، شۇنداقلا غۇلجىدىكى ئىچكىرى ئۆلكىگە قاتنايدىغان تۇنجى لىنىيە ھېسابلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى غەربىي جەنۇب تارماق شىركىتىنىڭ A319 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان بولۇپ، چىڭدۇ-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى جايدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ، شۇ جاينىڭ سودا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ساياھەتچىلىكىگە زور پايدىلىق تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىكەن.