باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 2852 ئاھالىلەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ

2014.03.18 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەھەللىلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى ئۆكتۈزۈۋېلىش خىزمىتى يېقىندا رەسمىي باشلانغان. شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى 3 يىل ئىچىدە، 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 2852 ئاھالىلەر رايونىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىپ، «توك بىلەن تەمىنلەش، توك سائىتى تەكشۈرۈش، پۇل يىغىش، مۇلازمەت قىلىش»نى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇدىكەن.

  پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 2852 ئاھالىلەر رايونى بار، توك ئىشلىتىدىغان ئائىلە تەخمىنەن 1 مىليون 288 مىڭ 200 گە يېتىدۇ. شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئولتۇراق رايونلىرىغا سەپلەنگەن ئېلېكتىر تورىنى بىخەتەر ئىشقا كىرىشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوڭشاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر