باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە دەرىسلىك ماتېرىياللىرىنى مەخسۇس رەتكە سالىدۇ

2014.03.18 17:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىدارە يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە دەرىسلىك ماتېرىياللىرىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، 3-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە دەرىسلىك ماتېرىياللىرىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە دەرىسلىك ماتېرىياللىرىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇمچە دەرىسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش سۈپىتى، بېسىش سۈپىتى، باھاسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش بولۇپ، ۋاقىت ۋە كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلىپ، بىر تۈركۈم تىپىك مەسىلىلەر تەكشۈرۈلۈپ ۋە ئاشكارىلىنىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، بازار تازىلىنىپ، قوشۇمچە دەرىسلىك ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدىلىدىكەن.

  ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس رەتكە سېلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە مۇنداق تۆت تەرەپكە مەركەزلىشىدۇ، بىرىنچى، نەشرىياتچىلىق ئۆلچىمىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش، ئىككىنچى، تەھرىرلەش سۈپىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش، ئۈچىنچى، بېسىش، تۈپلەش سۈپىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش، تۆتىچنى، باھاسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر