باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنسىز بالىلار بېلىق مېيى ئىشلەپچىقارغان ۋەساتقانلار جازالىىدۇ

2014.03.18 17:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يەن جاڭيىڭ تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىشلىتىپ، بالىلار بېلىق مېيىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىستىمالچىلارنى قەستەن ئالداپ، قانۇنسىز مەنپەئەت كۆزلەش، نازارەت قىلىشتىن قېچىشتەك قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىلىپ، بالىلار بېلىق مېيى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىلىدۇ.

  يەن جاڭيىڭ مۇنداق دېدى: بالىلار بېلىق مېيى ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كارخانىلىرى ئالاقىدار سالاھىيەتنى ھازىرلىشى كېرەك. بىر قىسىم كارخانىلار ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئادەتتىكى يېمەكلىك ئىجازەتنامىسىنى ئىشلىتىپ، بالىلار بېلىق مېيىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى ۋە ماركىسىدا ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ تەشۋىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىپ، مەھسۇلاتنى يۇقىرى باھادا سېتىۋاتىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بالىلار بېلىق مېيى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈر دائىرىسى شۇنداقلا مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن كەلمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەستىقسىز ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار بېلىق مېيى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بايقالسا، كارخانىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىن دەرھال توختىتىش، مەھسۇلاتنى ئاشكارا قايتۇرۇۋېلىپ، قانۇن بۇيىچە دەرھال قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر