- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى ئايرودۇمىنىڭ 1-ئايرودۇرۇم زالى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ
2014.03.18 17:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
3 يىلغا يېقىن ئېتىۋېتىلگەن ئۈرۈمچى ئايرودۇمىنىڭ 1-ئايرودۇرۇم زالى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى، پايتەخت ئاۋىياتسىيەسى، چۈنچيۇ ئاۋىياتسىيەسى، يۈننەن شياڭپىڭ ئاۋىياتسىيەسى، جۇڭگو بىرلەشمە ئاۋىياتسىيەسى، ئاۋكەي ئاۋىياتسىيەسى، غەربىي قىسىم ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلار 1-ئايرودۇرۇم زالىدا تىجارەت قىلىدۇ. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشچە، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى 1-ئايرودۇرۇم زالىنىڭ كۆلۈمى 22 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇ زالغا 6 بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى، 19 ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بىجىرىش ئورنى، 5 ئايروپىلانغا چىقىش كارىدورى تەسسىس قىلىنغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سائەتتە 700 ئادەم\قېتىملىق مۇلازىمەتنى قاندۇرالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر