باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرق ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان ئەڭ ياخشى ياراشتۇرۇغۇچى

2014.03.17 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركىل 11-مارت گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيەسى پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپنىڭ مىزانىغا خىلاپلىق قىلغانلىق، ھەر قايسى تەرەپلەر رۇسىيەنى ئۆزمەيلىگە قويىۋەتمەسلىكى كېرەك، دېدى. يىغىنغا قاتناشقانلار مېركىلنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئەيىبلەپ، مېركىل بەك ھېسسىياتقا تايىنىپ كەتتى، بۇ گېرمانىيەنىڭ كىرىزىسنى ياراشتۇرۇغۇچى بولۇشىغا پايدىسىز، دېدى.

  بۇ يىل 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىشگە ئەگىشىپ، مېركىلنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز قاتتىقلىشىپ كەتتى. مېرىكىل مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ قىرىمنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، پۇتىن خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، قىرىمنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىنى ئېتىراپ قىلغىلى بولمايدۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا قولىدىن قىرىمنى تارتىۋېلىشى يۇتىۋېلىش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشمىسا موكسۋا تېخىمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

  مېركىلنىڭ پوزىتىسىيەسى ئېغىر بېسىقلىقتىن سەل ئالدىراقسانلىققا ئۆزگەردى ئاندىن ئۇ تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ رۇسىيەگە بولغان تاقىتىنىڭ تاق بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى گېرمانىيە جامائەتچىلىكى: مېركىل ئۆز ھېسسىياتىغا بەك بېرىلىپ كەتتى، ئەكسچە ئۇ ئېغىر بېسىق بولغان بولسا رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاراىسىدا ياراشتۇرۇغۇچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، دەپ ھېسابلاشتى.

  بىرىنچىدىن، گېرمانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشسا، گېرمانىيەنىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېرمانىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشىنى ئەڭ خالىمايىدىكەن، بولمىسا گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەگە قىلىدىغان ئېكسپورتى ۋە رۇسىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان 4000دىن ئارتۇق گېرمانىيە كارخانىسى زور زىيانغا ئۇچرايدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى گېرمانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سودىسىغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن.

  ئىككىنچىدىن، رۇسىيە گېرمانىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، ھەمدە 4-چوڭ سودا شېرىكى. 2013-يىلى، گېرمانىيە ئىمپورت قىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ 4\3 قىسمى رۇسىيەدىن كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گېزىغا ناھايىتى ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئەگەر رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ جازالىسا، تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتسا ئۇنداقتا گېرمانىيە بىلەن تەڭ فىرانسىيە ئىتالىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە باھاسى ئۆسۈپ كېتىدىكەن، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە بولمايدىكەن.

  ئۈچىنچىدىن، گېرمانىيە دىپلوماتىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىدىغان باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش گېرمانىيە يولۇققان ئەڭ چوڭ سىناق. گېرمانىيە پىرېزىدېنتى گوك 50-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ دەل ۋاقتىدا، خەلقئارا ئىشلارغا تېخىمۇ قەتئىي ۋە تېخىمۇ ھەقىقىي قاتنىشىشىنى، دىپلوماتىيەدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. بۇ گېرمانىيەنىڭ مۇھىم رولنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، گېرمانىيە ھازىرقى بۇ قىيىن بولغان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلالىسا، ئۇنداقتا بۇ گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيەدە تىپنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولىدۇ، ھەمدە مېركىلنىڭ دىپلوماتىيە نەتىجىسىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسقا پاتقاندا، گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتتىق بولۇپ كەتتى، بۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس، ئۇكرائىنا كىرىزىسى گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيەدى تىپنى ئۆزگەرتىشىدىكى بىر سىناق بولۇشى مۇمكىن، ياراشتۇرۇشنىڭ ھالقىسى گېرمانىيەنىڭ شەرقتىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشىشىدە، دېيىلدى.

  گېرمانىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقدىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرق ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان ئەڭ ياخشى ياراشتۇرۇغۇچى. گېرمانىيە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ئشقا سېلىپ، تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دىپلوماتىيە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن مېركىل ئېغىر بېسىق بولۇپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى، رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ياخشى ياراشتۇرۇغۇچى بولۇشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر