باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ھەلىمە: «بىر بەلباغدا بىر يول» بولۇش يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

2014.03.17 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «شاڭخەي يىپەك يولى» ئىستىراتىگىيەسىدە چوقۇم يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدا «ئۇرۇش قىلىشتا دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇش»، كىشى قەلبىنى مايىل قىلىش ھەقىقىي غەلىبىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دېگەن.

  ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ خەلقئارا دىپلوماتىيەگە سېلىنغان زور سېلىنما ۋە خىزمەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىراق كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت، دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى، كەسكىن بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشى دۇنيا شۇنداقلا ئېلىمىز مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويدى. مەركەزنىڭ «بىر يەلباغدا بىر يول» بولۇش ئىستىراتىگىيەسى دەل جايىغا چۈشكەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرى، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك، ئېكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەر ھەمكارلىقى ئارقىلىق، ئەتراپىتىكى بارلىق ساھەلەر ھەمكارلىقىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئېلىمىز، شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولىنىڭ قىممىتى ۋە ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئۈلگە ئېلىش، «بىر بەلباغدا بىر يول»بولغان تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ھەلىمە بۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەكلىپ بەردى: 1. «بىر بەلباغدا بىر يول بولۇش ئىستىراتىگىيەسى»دە خەلق قەلبىنى مايىل قىلىش، يۇمشاق كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  2. قىزىل كرسىت جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، «بىر بەلباغدا بىر يول» ئىستىراتېگىيەسى قۇرۇلۇشىدا كونكرېت مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگو «قىزىل كرىست جەمئىيىتى»نى يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قوشۇن قىلىپ چىقىش. شۇڭلاشقا، جۇڭگو قىزىل كرىست جەمئىيىتىنى «بىر بەلباغدا بىر يول» بولۇش ئىستىراتىگىيەسى يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىدىكى يادرلۇق ئەزا ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر