باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىگە نەزەر

2014.03.18 16:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان مەركەزنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ پارتىيە ئىستىلى ـ پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە نەزەر سېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى تۈزەپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «تۆت كۈچەش نۇقتىسى»نى چۆرىدىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، داۋاملىق كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيدىن كېيىنكى 3-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتىنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. يىغىندا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇردىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆزدىن كەچۈرۈش دائىرىسىنىڭ چوڭايتىلغانلىقىنى، مەزمۇنىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، ئۇسۇلىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ، كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ۋە خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  3-نۆۋەتلىك كۆزدىن كەچۈرۈشتە، مەزكەز كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى بېيجىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خەينەن، گەنسۇ، نىڭشا، شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق جايلاردا ئادەتتىكى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى قاتارلىق جايلارنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرىدۇ. جەمئىي 14 رايون ۋە ئورۇننى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر