- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ ھاۋاسى ئەڭ ناچار ئون شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى
2014.03.18 17:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 18-مارت بېيجىڭدا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجاڭ دەرياسى دېلتىسى، جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى 74 شەھەرنىڭ 2-ئايلىق ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە، 2-ئايدا، 74 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى 1-ئايدىكىدىن زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، لېكىن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىدا بۇلغانغان كۈن سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68.5 بولۇپ، ئۈچ رايون ئىچىدە زور دەرىجىدە ناچار بولغان. بېيجىڭ 2013-يىلى 5-ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بۇيىچە يەنە بىر قېتىم ئايلىق ھاۋاسى ئەڭ ناچار ئون شەھەرنىڭ بىرى بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2-ئايدا، 74 شەھەرنىڭ ئوتتۇرچە ئۆلچەملىك كۈن سانى نىسبىتى %60.3 بولۇپ، 1-ئايغا سېلىشتۇرغاندا 22.7 پوئېنت چۈشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر