باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ يادرو ماتېرىياللىرى رايون خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت بولىۋاتىدۇ

2014.03.20 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 20 – فېۋرال مۇنداق دېدى: ياپونىيە ساقلاۋاتقان زور مىقداردىكى يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى بار، بۇ ماتېرىياللارنىڭ دۇنيا ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە، تىنچلىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپىگە، تەھدىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر خۇا چۈنيىڭدىن مۇنداق سوئال سورىدى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ يادرو قورال ياساش دەرىجىسىگە توشىدىغان يادرو ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى قورال ـ ياراغ ماتېرىياللىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. لېكىن، غەرب مېدىيالىرى بۇنى پەقەت جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئىختىلاپ، خالاس، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيەدە يادرو ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى قورال – ياراغ ماتېرىياللىرى بار، بۇ يادرو ماتېرىياللىرى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، بىخەتەرلىك جەھەتتە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماتېرىياللارنىڭ باشقا جايلارغا تارقىلىپ كېتىش خەۋپىمۇ كىچىك ئەمەس. ئۇنىڭ خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، شۇنداقلا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ «يادرو قورالنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويغان دۆلەت ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ. بىز ياپونىيەدىن يادرو قورالنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يادرو ماتېرىيالىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر