باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ پولشانىڭ باش مىنىستىرى تۇسېك بىلەن تېلېفونلاشتى

2014.03.14 17:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە پولشانىڭ باش مىنىستىرى تۇسېك بىلەن تېلېفونلاشتى.

  تۇسېك ئالدى بىلەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگودىن ھال سورىدى. لى كېچياڭ تۇسېكنىڭ ھال سورىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ. مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەپ، ئالاقىدار ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ دېدى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو بىلەن پولشا مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو پولشا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، پولشا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىزمۇ پولشانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى مۇھىم دۆلەت ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تۇسېك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى بىز بۇخارېستتا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈشۈپ، پولشا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدۇق. پولشا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى ۋە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى خالايدۇ.

  تۇسېك پولشانىڭ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تونۇشتۇردى. لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار پرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى، ئۇ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ، بۇنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا ئىزچىل ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە پائال تۈرتكە بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، قانۇن ۋە تەرتىپ رامكىسى ئىچىدە ئالاقىدار ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر