باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پارچىسىغا ئوخشايدىغان نەرسىنى بايقىدۇق دېگەن ئۇچۇرىغا دىققەت قىلدى

2014.03.20 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 20-مارت:جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئېلان قىلغان مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پارچىسىغا ئوخشايدىغان نەرسىنى بايقىدۇق دېگەن ئۇچۇرغا يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، ئۇنى تېزراق ئىزدەش ۋە جەزمىلەشتۈرۈشنى كۈتمەكتە،دېدى.

  مۇخبىر: 20-مارت چۈشتە، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدا مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پارچىسىغا ئوخشايدىغان نەرسىنى بايقىدۇق، لېكىن تېخى جەزمىلەشتۈرۈلمىدى دەپ جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دەپ سورىغاندا خۇڭ لېي مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، ئاۋسترالىيەنىڭ تېزراق پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىدا ئىزدەش ۋە جەزمىلەشتۈرۈشىنى كۈتىدۇ. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئاۋسترالىيە بىلەن يېقىندىن ئالاقىلىشىپ، ئاۋسترالىيەگە ماسلىشىپ ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. جۇڭگو ۋەقەنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت تۈرلۈك ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر