دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سالمان بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو خەلقى 2008-يىلى ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننى زور دەرىجىدە قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇمايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنى باشتىن ئاخىر جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق پارس قولتۇقى رايونىدىكى ياخشى دوستى، قېرىندىشى، شېرىكى دەپ قارايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگونىڭ بەلگىلەنگەن فاڭجېنى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىتى. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى يۇقىرى قاتمالدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر بىرىنى چۈشۈنۈپ ۋە قوللىشىپ كەلدى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىغانلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى تېرەك قىلىپ، ئاۋىئاتسىيە، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر جەھەتتىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىي سۆزلىشىش ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو-پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە مۇداپىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمغا بىرلىكتە زەربە بېرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە. مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ پارس قولتۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتلەردە ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە داۋاملىق دەۋەت قىلىپ كەلدى. جۇڭگو پارس قولتۇقىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئومۇميۈزلۈك، مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆزىنى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتلەردىكى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بىرلىكتە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.