باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر بېسىپ تارقىتىلدى

2014.03.20 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى يېقىندا قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى. ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار ۋە تارماقلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق خىزمەت مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇنغا تايىنىپ ھەل قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  «پىكىر» قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق خىزمەت مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش؛ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەدلىيە ئاممىۋى ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ قانۇن ئەرزىيەت تەرتىپىنى قوغداش؛قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دەۋا بىلەن ئەرزىيەتنى ئايرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرى، مەمۇرىي ئىشلار،جىنايى ئىشلار قاتارلىق ئەرز قىلىش ھوقۇقى ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا چېتىلىدىغان ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ئادەتتىكى ئەرز تۈزۈلمىسىدىن ئايرىپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئەرزىيەت تارماقلىرى ئۆز تارمىقىغا ئەرز قىلغان ئاممىنى سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىغا مەسىلىنى ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە قوبۇل قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق تۈرلەر؛ ئاممىنىڭ قانۇن ئەرزىيەتكە چېتىشلىق خەت-چەكلىرىنى ئوخشاش دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر