باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند - پاسپورت قاراڭغۇ بازىرى

2014.03.17 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370-نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن ھازىرغىچە بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىزدېرىكى بولمىدى. يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەندە ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن ئايروپىلانغا چىققانلىقى بايقالدى، بۇ پاسپورتلار بىر قانچە يىل بۇرۇن تايلاندنىڭ پۇكېت ئارىلىدا ئوغرىلانغان ئىكەن.

  ئەمەلىيەتتە، تايلاند ئىلگىرىلا قاراڭغۇ پاسپورت بازىرىغا ئايلانغان، ئالدامچىلار، قاچقۇن جىنايەتچىلەر، پۇل يۇيىدىغانلار ھەتتا تېررورچىلار تايلاندقا بېرىپ ساختا پاسپورت سېتىۋالىدۇ. تايلاند ساقچىلىرى كۆپ ھاللاردا بىلگىيە، فىرانسىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ پاسپورتلىرىغا ئوخشىتىپ ياسىغان ساختا پاسپورتلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ پاسپورتىنى ئوخشىتىپ ياساش ئەڭ ئاددىي.

  2004-يىلى 3-ئايدا، تايلاند ساقچىلىرى لوندونغا ماڭغان بىر گىرىتسىيەلىكتىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پاسپورتلىرىغا ئوخشىتىپ ياسالغان 353 ساختا پاسپورتنى بايقىغان؛ 2005-يىلى 2-ئايدا، تايلاند دائىرلىرى ساقچىلارنى سېتىۋالغۇچىلار سىياقىغا كىرگۈزۈپ، بىر گوللاندىيەلىكتىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 100 ساختا پاسپورتىنى قولغا چۈشۈرگەن؛ شۇ يىلى، تايلاند دائىرلىرى ئافرىقا ئەۋلادىدىن بولغان بىر ئەنگلىيەلىكنى قولغا ئالغان، ئۇنىدىن 452 ساختا پاسپورت بايقىغان. بۇ ساختا پاسپورتلار راست پاسپورتلار بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، ھەر بىرسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 25 ئامېرىكا دوللىرىدىن 50 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدۇ.

  پاسپورتتىكى ۋىزا ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە. ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيەنىڭ ۋىزىسى بىجىرىلىپ بولغان پاسپورتنى 2400 ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولىدىكەن. سېتىۋالغۇچىنىڭ سۈرىتى چاپلانغان پاسپورتنى 2900 ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولىدىكەن.

  قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ساختا پاسپورت ياسىغاندىن سىرت يەنە ئوغرىلانغان ياكى يۈتۈپ كەتكەن پاسپورتلارنى ئوخشىتىپ ياسايدىكەن. بۇ پاسپورتلارنىڭ بىر قسىمىنى ئوغرىلاپ كەلگەن، كۆپ قسىمىنى بولسا تايلاندقا ساياھەتكە بارغان غەرب ئەللىرىنىڭ ساياھەتچىلىرى قاراڭغۇ بازاردىكى سېتىۋالغۇچىلارغا سېتىپ بەرگەن. باڭكوكتا بىر ياۋروپانىڭ راست پاسپورتىنى 500 ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولىدىكەن. تايلاند كۆچمەنلەر ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم ساياھەتچىلەر پاسپورتىنى سېتىپ پۇل تاپىدىكەن، ئاندىن پاسپورتىمىز يۈتۈپ كەتتى دەپ يالغان ئېيتىدىكەن.

  جىنايەت شايكىسى قولغا كەلگەن پاسپورتلارنى پاسپورت ئۈسىتىدىكى سۈرەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە سېتىپ بېرىدىكەن. بىر قىسىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەتتا باڭكوككا بېرىپ ھۆسۈن تۈزەش ئوپىراتسىيەسى قىلىدۇرىدىكەن. پاسپورتنىڭ ئوغرىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس، ھەريىلى تەخمىنەن نەچچە يۈز ئوغرىلانغان پاسپورت قاراڭغۇ بازارغا ئېقىپ كىرىدىكەن.

  تايلاندتىكى بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندتا ياسالغان ساختا پاسپورتلانىڭ %90ى لوندونغا يەتكۈزۈلىدىكەن، سېتىۋالغۇچىلار ئادەتتە ساختا پاسپورتتىن پايدىلىنىپ بانكىدا ھېساۋات نومۇرى ئاچىدىكەن ياكى ئۆي ئىجارىگە ئالىدىكەن. تېرروچىلارغا نىسبەتەن ساختا پاسپورت تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغاندا كەم بولسا بولمايدىغان قورال ھېسابلىنىدۇ. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، نۇرغۇن تېررورچىلارنىڭ پاسپورتى تايلاندتىن كەلگەنلىكى بايقالدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تېررورچىلىق گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋىشى خانبالى ئىلگىرى تايلاندتىكى ساختا پاسپورت قاراڭغۇ بازىرىنىڭ ئاتامانى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بازا تەشكىلاتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تېررورلۇق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2002-يىلدىكى بالى ئارىلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمنى پىلانلىغان. 2010-يىلى 12-ئايدا، تايلاند ساقچىلىرى دۆلەت ئاتلىغان بىر ساختا پاسپورت جىنايەت شايكىسىنى بېچچىت قىلدى. بۇ تەشكىلات ئوغرىلاپ كېلىنگەن پاسپورتلارنى تايلاندتا ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن، قوراللىق تەشكىلاتقا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2004-يىلى مادرېتتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قوزغىغان گۇماندار ئىلگىرى بۇ تەشكىلاتتىن ساختا پاسپورت سېتىۋالغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ پاكىستاندىكى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى باركەن، بۇ تەشكىلات 2008-يىلى بومبايدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىغان.

  قانۇنسىز كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى باشقۇرۇشتىكى يوچۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ چېگرادىكى تەكشۈرۈشى چىڭ بولماسلىقىمۇ ساختا پاسپورتنىڭ تېز سېتىلىشىغا بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن. تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاس قىلغاندا يولۇچىلار ئىسىم فامىلىسى، دۆلەت تەۋەلىكى، تۇغۇلغان كۈنى، پاسپورت نومۇرى ۋە پاسپورتىنىڭ كۈچكە ئىگە يىلىنى ئېيتىپ بەرسىلا بولىدۇ، بۇ جەرياندا پاسپورت تەكشۈرۈلمەيدۇ.

  بۇندىن باشقا، تايلاندتا جىنايەت شايكىلىرى ئەلچىخانىدىكى خادىملار بىلەن بىرلىشىپ ۋىزا قەغىزىنى ئوغرىلاپ، ئاندىن ئۇچۇلارنى ئۆزگەرتكەن ۋەقەلەرمۇ يۈز بەرگەن. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا، تايلاندتا ساختا كىنىشكا دېلوسى يۈز بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا تايلاندنىڭ مالايسىيەدە تۇرۇلۇش ئەلچىخانىسىنىڭ بىر قىسىم ۋىزا قەغەزلىرى يۈتۈپ كەتكەن، بۇ دېلودا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ساختا ۋىزا ياساپ، تايلاندقا ئەركىن كىرىپ چىققان.

  تايلاند دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ دېلونى شېرىكلىشىپ سادىر قىلغان، بىر كىشى ئىچكى قىسىمدىن ۋىزا قەغەزلىرىنى ئوغرىلاپ چىققان، ئاندىن ئەلچىخانا كومپىيۇتېر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار ۋىزا ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. تايلاند ساقچىلىرى ئەلچىخانا خادىمى بىلەن سىرتتىكى جىنايەت شايكىسى بىرلىشىپ دېلو سادىر قىلغان، بۇ ساختا كىنىشكىلارنىڭ قاراڭغۇ بازاردا ئېقىپ يۈرۈشىنى توسالماسلىقىمىزغا سەۋەبچى بولغان دەپ گۇمانلانغان. بۇمۇ بىر قىسىم ساختا كىنىشكىلارنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  2005-يىلى 2-ئايدا، تايلاند ھۆكۈمىتى ئەڭ قاتتىق يېڭى قانۇن تۈزۈپ، پاسپورتنى ياساش،، ساختا پاسپورتقا ئىگە بولۇش ياكى ئىشلىتىشنى قانۇنسىز دەپ بەلگىلىدى. ساختا پاسپورت جىنايى قىلمىش دەپ بېكىتىلدى. ئەمما ئاخىرىدا بۇ قانۇن كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.

  نۆۋەتتە، ئاۋىسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە كانادا ساقچىلىرى قەرەللىك ھالدا تايلاند ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ساختا پاسپورت ياسىغۇچىلارغا زەربەر بېرىۋاتىدۇ. ھازىر تايلاندتىكى ساقچىلار ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكىلەردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پۇكېت ئارىلىدىكى ساختا پاسپورت ياساش شايكىسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئەھۋالنى توسىماق تەس ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر