ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كۇچا ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن «ئەلرايىنى بېلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بۇيىچە خانىقاتام يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئائىلە زىيارىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا بۇيىچە 60 نەپەردىن كۆپرەك ئايالنى كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك، پارنىك تېرىقچىلىقى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش ئورۇنلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.